上一张 下一张
تەپسىلاتى
نېمىشقا ھەممە تېز تاماقخانىلارنىڭ بەلگىسىنىڭ رەڭگى قىزىل بولىدۇ؟
ۋاقتى:2019-04-11 كۆرۈلىشى : 186

 سىز ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ماكدونالد، كىنتاكى قاتارلىق تېز تاماقخانىلارنىڭ قىزىل رەڭلىك بەلگىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققانمۇ؟ جانلىق توق قىزىل رەڭ كىشىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئادەمنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدۇ. ئەمما بۇلار تېز تاماقخانىلارنىڭ قىزىل رەڭنى ئىشلىتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئەمەس. قىزىل رەڭگە زادى قانداق سىر يوشۇرۇنغان؟

ماكدونالد، ھامبۇرگ شاھى، كېنتاككى…يۇقىرىقى تېز تاماقخانىلارنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى بار، سىز بۇنىڭغا دىققەت قىلغانمۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى زەنجىرسىمان تېز تاماقخانا بولغاندىن سىرت، يەنە قىزىل رەڭلىك بەلگىنى ئىشلەتكەن. بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ماس كېلىپ قېلىش ئەمەس. رەڭ بولسا شىركەتلەرنىڭ ئىستېمالچىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنىڭ بىرى. ئەگەر مەلۇم بىر تېز تاماقخانىنى ئۇنتۇش قىيىن بولسا، ئۇنداقتا كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان قىزىل رەڭلىك بەلگىسىنى ئۇنتۇش تېخىمۇ قىيىن.

تېز تاماقخانىلار ۋىۋىسكىنىڭ كۆپ قىسىمىغا قىزىل رەڭنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ جاۋابىنى بىلىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئىشلارنى سۆزلەش زۆرۈر.

ئادەتتىكى كىشىلەر ئون مىڭ خىل رەڭنى كۆرەلەيدۇ، ئەمما قىزىل رەڭ ئىنتايىن ئۆزگىچە. ئەسلىدە ئەجدادلىرىمىز نام بەرگەن تۇنجى تۈركۈم رەڭلەر ئىچىدە قىزىل رەڭ بار ئىكەن. ھەرپ ۋە يېزىق پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ رەڭلەرنى ئىپادىلىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئاددىي بولغان. ئۇ ۋاقىتتا رەڭلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆزدىن پەقەت قارا ئاق ۋە قىزىل بار ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىن يەنە مىلادى 200-يىلغا كەلگەندە كۆك رەڭ دېگەن سۆز پەيدا بولغان.

شۇڭلاشقا، باشقا رەڭلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىنسانلارنىڭ قىزىل رەڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان، كىشىلەرنىڭ قىزىل رەڭگە بولغان ئىنكاسى دەل تېز تاماقخانا شىركەتلىرىنىڭ قىزىل رەڭنى قوللىنىشىنىڭ سەۋەبچىسىگە ئايلانغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، قىزىل رەڭ كىشىدە جىددىيلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، قىزىل رەڭ يەنە ئىشتىھانى غىدىقلايدىكەن. بۇ ئىككىسىنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشى تېز تاماقخانا شىركەتلىرىنىڭ خېرىدارلىرىنى يەنى قورسىقى ئىنتايىن ئېچىپ كەتكەن، تېز سۈرئەتتە يېمەكلىككە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان خېرىدارلارنى مۇكەممەل ھالدا ئۆزىگە جەلپ قىلغان.

شۇڭلاشقا قىزىل رەڭلىك بەلگە قارشى ئېلىشنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، يەنە يوشۇرۇن ھالدا چوڭ مېڭىنى غىدىقلايدۇ. نۆۋەتتە، گەرچە بىز قىزىل رەڭنىڭ نېمە ئۈچۈن كىشىگە بۇنداق تەسىر بېرىشنى بىلمىسەكمۇ ، ئەمما بۇ سۆزلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى بىلەن ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىن. سىبىرىيە ۋە يېڭى گىۋېنىيەدىكى كۆپلىگەن قەبىلىلەرنىڭ تىلىدا قىزىل رەڭ دېگەن سۆز قان دېگەن سۆزدىن كەلگەن.

نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قىزىل رەڭنىڭ مەنىسىدە ئۆزگىرىش بولغان. مەسىلەن، ئوتتۇرا ئەسىردە ئېسىلزادىلەر قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيىپ، ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسىنى نامايان قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كېلىنچەك توي قىلغاندا قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، قىزىل رەڭ ھازىرقى زاماندىكى دۇنيادىكى بىر قانچە خىل مەدەنىيەت تەرىپىدىن ئورتاق ھالدا قارشى ئېلىنغان ئاز ساندىكى رەڭلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، يۇقىرىقى شىركەتلەرنىڭ ماركىسىغا قىزىل رەڭنى تاللاپ ئىشلىتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئىنسانلار نېمىلا دېمىگەن بىلەن كۆرۈش سەزگۈسىنى ئاساس قىلىدىغان جانلىق. گەرچە ئىنسانلارنىڭ بەش ئەزاسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ھەر كۈنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۇچۇرنىڭ 80 پىرسەنتى كۆرۈش سەزگۈسىدىن كېلىدۇ.

سېتىش شىركىتى WebPageFX نىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، %85كە يېقىن ئىستېمالچى ئوخشاش تۈردىكى ئىككى خىل مەھسۇلات ئىچىدە قارار چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە رەڭنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە %80 ئىستېمالچى كىشىگە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان ماركا رەڭگىنىڭ قىزىل رەڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

قىياس قىلىپ باقايلى، ئەگەر ماكدونالد بەلگىسىنى كۆك رەڭ، يېشىل رەڭ ياكى ھال رەڭگە ئۆزگەرتسە، ئۇنداقتا كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى باشقىچە بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟

باشبەت | بىز ھەققىدە | خەۋەر - ئۇچۇر | شىركەت ئېكرانىدا | مەھسۇلاتلار | ئالاقىلىشىڭ

ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبى ئازاتلىق يولى جۇلا سودا شەھەرچىسى 11 - قەۋەت 8 -9 نۇمۇر

بارلىق ھوقۇق شىنجاڭ گۈزەل ھايات بىئو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە تەۋە

Guzalhayat.com 由新疆爱康新生物科技有限公司版权所有, 盗版必究

新ICP备17002751号 ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى : 0991-2300091